+1 ہزار
ڈاؤن لوڈز
مواد کی درجہ بندی
ہر کوئی
اسکرین شاٹ کی تصویر
اسکرین شاٹ کی تصویر
اسکرین شاٹ کی تصویر

اس ایپ کے بارے میں

ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كارتونلار-فىلىملەرنى بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" (EWLAD) دېتالىنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز.
سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بار. (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللىرىمىز تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)
ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىپ تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم.
2- 32 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر دىنى تېما ھەققىدە توختالغان "پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم.
3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم.
4- قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" پىلاستىنكىسى.
5- سېنارىيەسىنى يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان"ھەزرىتى ئۆمەر" ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى.
6- ئۇنىڭدىن باشقا 30 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق كارتونلار.
يەنە پۈتۈن تەييار بولغان 13 مىنۇتلۇق "مىڭبىر ئىجاد ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم، "ھابىل بىلەن قابىل" ۋە "قۇل ھەققى ناملىق" كارتونلار بىلەن كۆرسىتىلگەن كۈندىن باشلاپ خېلى ئۇزۇنغىچە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كاتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن 2 قىسىملىق "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" فىلىملىرىنى بۇ دېتال ئارقىلىق ئەۋلادلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە كۆرەلەيسىز.
بۇ دېتال، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئەخلاقلىق تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن زاماننىڭ تەلىۋىگە، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن تەييارلانغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىڭ.
مەنىۋى ياردەم ئۈچۈن دۇئالىرىڭىزنى ياد ئېتىپ قويۇڭ.
ماددىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com
تور بەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com
اپ ڈیٹ کردہ بتاریخ
15 فروری، 2019

ڈیٹا کی حفاظت

سیفٹی اس بات کو سمجھنے کے ساتھ شروع ہوتی ہے کہ ڈویلپرز آپ کا ڈیٹا کیسے اکٹھا اور اس کا اشتراک کرتے ہیں۔ ڈیٹا کی رازداری اور سیکیورٹی کے طریقے آپ کے استعمال، علاقے اور عمر کی بنیاد پر مختلف ہو سکتے ہیں۔ ڈویلپر نے یہ معلومات فراہم کی ہے اور وقت کے ساتھ ساتھ اسے اپ ڈیٹ کر سکتا ہے۔
فریقین ثالث کے ساتھ کسی بھی ڈیٹا کا اشتراک نہیں کیا گیا
ڈویلپرز کے اشتراک کے اعلان کے بارے میں مزید جانیں
کوئی ڈیٹا اکٹھا نہیں کیا گیا
ڈویلپرز کے اکٹھا کرنے کے اعلان کے طریقے بارے میں مزید جانیں

نیا کیا ہے

بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى